خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارغا ئوچۇق سوت ئېچىشنى قارار قىلدى


2006.07.02

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى 1‏-ئىيول كۈنىدىن باشلاپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولار ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىشنى قارار قىلدى.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ياڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە سوت جەريانىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئىكەن. بۇ يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارنىڭ سوت جەريانى سىنئالغۇغا ئېلىنىدىكەن.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ياڭ يەنە، ئۆتكەن يىلىدىكى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئۆلۈم جازاسىنى خاتا ئىجرا قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆلۈم جازاسى بېرىش سانىنى ئازايتىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نەچچە يىللاردىن بۇيان خىتاينى دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان دۆلەت دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. شۇنداقلا خىتاي بويىچە بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر ئاۋازدا خىتاينى كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.