خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى
2006.10.31
'رويترس ئاگېنتلىقى'نىڭ 31- ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرىدىن قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. باش سوتچى شاۋياڭنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىسلاھات ئۇزۇن ۋاقىت تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئاندىن دۆلەتنىڭ قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ماددا كەلگۈسى بىرىنچى ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھەريىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئادەم سانى 5 مىڭدىن 12 مىڭغىچە. يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئادەم سانىنىڭ 91 % ى ئۆتكەن 18 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن. بۇ نىسبەت دۇنيا بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى، گەرچە خېلى بۇرۇنلا دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈش تارماقلىرىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەستىقلىنىشى ناھايىتى ئاستا بولغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چىڭخەيدە قوراللىق لۈكچەكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى ھۆكۈم قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولغان
- خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى
- خىتاي قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
- خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارغا ئوچۇق سوت ئېچىشنى قارار قىلدى