خىتاي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۈسىگە قارىماستىن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى شاۋ ياڭ پەيشەنبە كۈنى": دۆلىتىمىز ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ، مەزكۈر جازانى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ" دېدى .

يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەشەببۈس قىلىش بىلەن بىرگە ، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىسلاھاتىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي رول ئوينىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق شااۋ ياڭ، " جۇڭگۇ جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىش كۈرىشىنى قاتتىق ئېلىپ بارىدۇ ، ئەمما ئۆلۈم جازاسىدىن ئىبارەت بۇ تۈزۈمنى ئۈنۈملۈك قوللىنىدۇ، ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۆلۈم جازاسىنى قاتتىق كونترول قىلىش، جۇڭگۇنىڭ جىنايى ئىشلارغا زەربە بېرىشتىكى تۈپ سىياسىتى" دەپ تەكىتلىدى.

شاۋ ياڭ يەنە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى سىياسىتىنى ئاقلاپ ": ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلق مەنپەئەتىنى قوغداشتا قوللىنىدىغان مۇھىم ۋاستە" دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ " ئۆلۈم جازاسى" نى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئالدى بىلەن خىتايدىن، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قەتئىي توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

خىتاي، سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەڭ كۆپ جازالايدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)