خىتاي قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ئىمكان قەدەر ئۆلۈم جازاسىنى ئاز ئىجرا قىلماقچى
2006.12.28
خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى، بۇندىن كېيىن خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي چوقۇم ئۆلۈم جازاسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى ئۆلچىمىنى ئېنىق بېكىتىش بىلەن بىرگە، يېنىك دەرىجىدە جىنايەت سادىر قىلغانلار بىلەن ئېغىر دەرىجىدە جىنايەت سادىر قىلغانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئېنىق ئايرىغان ئاساستا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىكەن.
باياناتچى سۆزىدە يەنە": بىز ئۆلۈم جازاسىنى ئاز ئىجرا قىلىش، ئۆلۈم جازاسىنى توغرا ئىجرا قىلىش، پرىنسىپى ئاساسىدا، ھەر بىر ئۆلۈم جازاسى دېلوسى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، پاكىت توغرا ئېنىق بولۇش، جىنايەتنى توغرا بېكىتىش، جازا ئۆلچىمى مۇۋاپىق بولۇش، سوت ھۆكۈمى قانۇنلۇق بولۇش قاتارلىق ئۆلچەملەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز " دېدى.
خىتاي نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005 - يىلى خىتايدا ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى سانى، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ80 % ئىنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش كونتۇرۇللىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ، ئۆلكە دەرىجىلىك سوتنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغان.
ئەمما، خىتاي سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەڭ كۆپ جازالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، بولۇپمۇ خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ھەر يىلى 30 دەك كىشى خاتا ھۆكۈمگە ئۇچرايدۇ
- خىتاي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۈسىگە قارىماستىن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى
- چىڭخەيدە قوراللىق لۈكچەكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى ھۆكۈم قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولغان