خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە خىتاي ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە قىستىدى


2007.05.28

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى سۆھبىتىدە، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە خىتاي ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە قىستىدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرەنك - ۋالتېر ستېيىنمېيېر (Frank- Walter Steinmeier) گە يوللىغان مەكتۇبىدا، خىتاي ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆلۇم جازاسىنى ئەمەل قالدۇرۇشتا " ئالاھىدە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىش" كە دالالەت قىلىپ: "ئاسىيا يەنىلا ئۆلۇم جازاسى يۈرگۈزۈشتە باشلامچى قىتئە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئېسىش، ئېتىش ۋە ئوكۇل ئۇرۇش قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ تىپىك مىسالىدۇر" دەپ تەكىتلىدى.

ئىككى كۇن داۋام ئېتىدىغان بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا- ئاسىيا دۆلەتلىرى باش مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھرىدە ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇچرىشىشتا، كىشىلىك ھوقۇق، ھاۋا-كىلىمات ئۆزگىرىشى، سودا-ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىن ئىران، كورىيە يادرو قورۇلۇشى قاتارلىقلار نېگىزلىك ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى، سىنگاپورنىڭمۇ ئۆلۇم جازاسى يۈرگۈزۈشى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان "مەخپىي قەتلى قىلىش" نى قاتتىق ئەيىبلىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىشخانىنىڭ باشلىقى، دىك ئوستىڭ (Dick Oosting)، نۇرغۇنلىغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆلۇم جازاسى يۈرگۈزۈشتىكى كوزۇر قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ستېيىنمېيېرنى يەنە، كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىشىنى كېمەيتىش جەھەتتە خىتاي ۋە ھىندىستانغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.