خىتاي ئالىي سوتى يەرلىك سوتچىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە سوغۇققان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى يېقىندا يەرلىك سوتچىلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە سوغۇققان بولۇش، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشقان جىنايەتچىلەرنى، خىيانەت سوممىسىنى قايتۇرغان پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاشتا ئەپۇچان بولۇشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي دۇنيا بۇيىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنى " ئادالەتسىز" دەپ تەنقىد قىلماقتا ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ ھۆججىتى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قىسقارتىپ، كېلەر يىلى يېتىپ كېلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا. خىتاي ئالىي سوتىنىڭ تور بېتىدە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، "ئۆلۈم جازاسى پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم پەۋقۇلئاددە ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارغا بېرىلىشى كېرەك " دېيىلگەن. ئالىي سوتنىڭ مەزكۇر ھۆججىتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۇر ھۆججەتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان رايون بولۇپلا قالماي، ئۆلۈم جازاسى يەڭگىللىك بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىردىن - بىر رايوندۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركېلغا خەت يېزىپ، مېركېلنىڭ 8 ‏- ئايدا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارغا يەڭگىللىك بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)