خىتاي ئەدلىيە ساھەسىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلۈم جازاسىغا قارىتىلغان قانۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى يۈرگۈزۈش تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدىكەن.
ئىلگىرى خىتايدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ خاتا ھالدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، بۇ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.
شۇندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا قانۇنى جەھەتتىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەمدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى ئازايتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىش توغرىلىق تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارىتىلغان قانۇنىي ئۆزگەرتىش قەدىمى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ كەلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە ، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ باش سودىيىسى شياۋ ياڭ 1980 - يىلىدىن بېرى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۆزگەرتىش ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولار ئۈستىدىن ئاخىرقى قارار چىقرىش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان جىنايەتچىلەرنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.
گەرچە شياۋ ياڭ 2007- يىلدا قانچە ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنىڭ سانى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئازايغان.
ئۇ يەنە، بەزى ئېغىر جىنايەتچىلەرگە "قاتتىق جازا قوللىنىش" كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈشكە قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەمدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولار ئۇستىدىن قايتا قاراپ چىقىش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولىسمۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە ئۈنۈم كۆرسىتىشى رېئاللىقتىن خېلى يىراق ئىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان دىلشات رىشىت يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن باشقا جايلىرىدا سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى مىسال قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈش سىياسىتىنىڭ پەقەت ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: " خىتايلار ئۆلۈم جازاسىنى ئۇيغۇر خەلقىغە ۋە قارشى پىكىردىكىلەرگە تەھدىت سېلىش سۈپىتىدە يۈرگۈزۈۋاتىدۇ" دېدى.
خىتايدا ئۆلۈم جازاسى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كوپ بېرىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدا ھەر يىلى 5مىڭدىن12 مىڭغىچە ئادەم ئۆلۈم جازاىسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا قانۇنىي جەھەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
