خىتاي قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۇم جازاسى بەرمەسلىكنى ئويلۇشۇشنى تەشەببۇس قىلدى .
ب ب س خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان 68 خىل جىنايەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى زوراۋانلىقتىن ھالقىغان يەنى ئەتكەسچىلىك جىنايىتى، ساختا پۇل ياساش جىنايىتى، ئالتۇن ۋە رەڭلىك مېتاللار تىجارىتىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى، قەدىمى قەبرىلەرنى قېزىش جىنايىتى ، باشقىلارنى ئىپپىتىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رېشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقان بىردىن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بۇ ساننىڭ باشقا دۆلەتلەردە ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازا سانىدىن 5 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىشى، بۇ دۆلەتتە قانۇننىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە . (ئەقىدە)