خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
2006.11.02
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى1 - نويابىر كۈنى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىي دائىمى كومېتىتى سەيشەنبە كۈنى، ئۆلۈم جازاى بېرىش ھوقۇقىنى بىر تۇتاش خىتاينىڭ ئەڭ ئالى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى.
نيوركتا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئادەم سانىنى توغرا ئېلان قىلىشىنى تەشەببۈس قىلدى.
خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتايدا چىركلىك ۋە بۇلاڭچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارمۇ ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلدۇ.
خىتاينىڭ خالىغانچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش قىلمىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2004 - يىلى خىتايدا ئىجتا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ سانى 3400 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە ئىجرا قىلىنغان ئومۇمىي ساندىن خېلى كۆپ ئېشىپ كەتكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى
- چىڭخەيدە قوراللىق لۈكچەكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى ھۆكۈم قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولغان
- خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى
- خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دېلولارغا ئوچۇق سوت ئېچىشنى قارار قىلدى
- ئالىي سوت مەھكىمىسى: جۇڭگو تۆۋەن سەۋىيىلىك مەدەنىلەشكەن جەمئىيەت