خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە

خىتايدا تەبىئىي ئاپەت ۋە ھەر خىل ھادىسىلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەملەر سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 17 - ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا بۇ يىل 90 مىليون ئادەم كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 764 گە، ئىز - دېرىكى بوممىغانلارنىڭ سانى 191 گە يەتكەن.

خىتاي مەملىكەتلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل كەلكۈن ئاپىتى تۈپەيلى ئۆلگەن ئادەم سانى 10 يىلدىن بېرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

خىتايدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدىن باشقا يەنە، كان ئاپىتى ۋە قاتناش ۋەقەسىگە ئوخشاش ھەر خىل ھادىسىلەردە ئۆلگەنلەر سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم پەسلىدە كان ھادىسىسىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 2672 گە يەتكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي يەنە، دۇنيا بويىچە قاتناش ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ، ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە 100 مىڭ ئادەم قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان . (ئەقىدە)