خىتايدا بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 39 ئادەم ئۆلدى
2005.12.16
خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى لياۋيۈئەن شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا پەيشەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، جۈمە كۈنىگىچە ئاز دېگەندە 39 ئادەم ئۆلدى. ۋەقە لياۋيۈئەن مەركىزى دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ 24 نەپىرى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئۆلگەن بولۇپ، قالغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە لياۋيۈئەن مەركىزى دوختۇرخانىسىدىن يۆتكەپ ئاپىرىلغان 180 دىن ئارتۇق بىمار، لياۋيۈئەندىكى 7 دوختۇرخانىغا تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىمارلار ئارىسىدىكى 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت لياۋيۈئەن دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر ۋە سېستىرالاردىن 10 دەك كىشى ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان. ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىدى. دائىرىلەر ۋەقەدە كېلىپ چىققان ماددىي زىيان، ئادەم چىقىم بولۇش ئەھۋالى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن دوختۇرخانا لياۋ يۈئەن شەھىرى بويىچە ئەڭ چوڭ دوختۇرخانا بولۇپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە دوختۇخانىدا 245 نەپەر بىمار بار ئىكەن. ئوت ئاپىتىدە دوختۇرخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن 4 - قەۋىتىگىچە بولغان ئارىلىق ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. خىتاي دۇنيا بويىچە تاسادىپى ۋەقەلەردە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لوڭۋاڭ دېڭىز چاپقۇنىدا ئاز دېگەندە 50 ئادەم ئۆلدى
- خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 47 كىشى ئۆلدى
- خىتايدىكى كۆمۈر كان ھادىسىلىرىدە ئالتە ھەپتە ئىچىدە 700 ئىچى ئۆلدى
- خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان سىرلىق كېسەللىكتە ئۆلگەنگەنلار سانى 24 گە يەتتى
- خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە