ب د ت دوكلاتىدا خىتايدا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئاشكارىلىدى


2005.09.07

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئىنسانلار تەرەققىياتى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى كەمبەغەل يېزا رايونلىرىدا يەنىلا يۇقىرى ئىكەن.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا بىنگالغا ئوخشاش كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئازايتىشىمۇ، خىتايدىن تېز ئىكەن.

بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە، گەرچە بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، ھەر مىڭ بوۋاققا سەككىزى توغرا كەلسىمۇ، بىراق گۈيجۇغا ئوخشاش كەمبەغەل ئۆلكىلەردە ھەر تىرىك تۇغۇلغان مىڭ بوۋاقنىڭ ئىچىدىن 60 ئى ئۆلۈپ كېتىدىكەن. بۇ نىسبەت ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

دوكلاتنىڭ ئاپتورى ئارۇنابخا خوشنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقلارنى يوق قىلىشقا يىتەرلىك كۈچ چىقارمىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق ئىنسانلار تەرەققىياتى دوكلاتى شۇنداقلا يەنە، دۇنيادىكى 177 دۆلەتنى پۇقرالارنىڭ ياشاش شارائىتى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزغان بولۇپ، خىتاي 85 - ئورۇندا تۇرىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.