بېيجىڭ دائىرلىرى ئولىمپىك قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى
2008.01.21
يەكشەنبە كۈنى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان يەكشەنبە ۋاقتى ( Sunday Times) گېزىتىدە، 2008- يىلى ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەيداننىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا 10 ئىشچىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ئەمما بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قېلىشىغا قارىغاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى سۈن ۋېيدﯤ: "يەكشەنبە ۋاقتى گېزىتىنىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى يالغان" دېگەن.
سۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ پىلان بۇيىچە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئىش ئورنىدىكى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئالدىنقى كۈنى، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتىدە بۇ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا ھازىرغا كەلگىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارىتا بۇ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىلگىرى ئىشلىگەن ئىشچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
"قۇش ئۇۋىسى" دەپ ئاتىدىغان 400 مىليون دوللارلىق بۇ تەنتەربىيە مەيدانى يەنە 200 كۈندىن كىيىن 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 36 تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەتتىن تاشقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا
- خەلقئارا ساقچى: تېررورچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا
- خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى
- خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق باياناتى ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەكتە
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى