بېيجىڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى چەتئەللىك تەننتەربىيە ماھىرلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە


2008.01.24

2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە 6 يېرىم ئاي ۋاقىت قالدى، ئەمما مەزكۈر مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتى، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە.

مارافون دۇنيا رېكورتى چىمپىيۇنى ، بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى تۈپەيلى ئولىمپىك مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلاشماقتا، چۈنكى ئىلگىرى ئۇ نەپەس يولى ياللۇغلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بۇ تۈپەيلى ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ، شۋېتسىيە ، برازىلىيە قاتارلىق ئاز دېگەندە 20 گە يېقىن دۆلەت ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئۈچۈن مەشىق قىلىش مەيدانىنى خىتايدا ئەمەس ، ياپونىيىدە ھازىرلاشنى قارار قىلغان .

ئامېرىكا يىنىك ئاتلىتكا تەنھەرىكەتچىلىرى خىتاينىڭ دالىيەن شەھىرىدە مەشىق ئېلىپ بارىدىكەن. بىراق چەتئەل تەنتەربىيىچىلىرى ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان سىناق مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ھاۋانىڭ ئۆزلىرىگە ياقمىغانلىقىنى، بىر قىسىم كىشىلەردە نەپەس يولى ياللۇغلىنىش كېسىلى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن .

ئامېرىكا نەپەس يولى سېستىمىسى مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا يىنىك ئاتلىتكا ماھىرلىرى ھەر خىل ماسكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى سىناق قىلماقتا ئىكەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومېتىتى رەئىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بەلكى بۇ يىل ئولىمپلىك مۇراسىمىنىڭ مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرەش تۈرى ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ياكى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.