خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى
2008.01.25
24- يانۋار كۈنى نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە "خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" ناملىق بىر پارچە ماقالە بېسىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە، گەرچە خىتاي، 2008- يىلى ئولىمپىك يىغىنىنى ئىككى ئەسىرگە سوزۇلغان ئاجىزلىق، نامراتلىق ۋە ئار-نومۇسلىرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان دارفۇر رايونىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ساقلاش قىسىملىرىنىڭ كىرىشىگە سەل قاراپ بۇ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىككە داغ چۈشۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە: " نەتىجىدە بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكنى قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى دەپ نام بېرىشكە تىرىشىۋاتقان دۇنيا خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە" دەپ يېزىلغان.
خىتاينىڭ يۈزىنى تۆكۈش ۋە خىتاينى مەسئۇلىيەتچان رول ئېلىشقا قىستاش
ماقالىدە،گەرچە بۇلارنى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش دەپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئورتاق ھالدا بايراق، لوزۇنكا ۋە يەڭ بەلگىلىرىنى تاقىشىپ، دارفۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنڭى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلار، قىلمىشلىرى ئۇچۇن خىتاينىڭ يۈزىنى تۆكۈش ۋە خىتاينى خەلقئارا سەھنىدە مەسئۇلىيەتچان رول ئېلىشقا قىستاش ، شۇنىڭ بىلەن ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ دارفۇردا يەنە يۈزلىگەن، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ تونۇشىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
" بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ كەلمەكتە"
ماقالىدە يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇداننىڭ نېفىت بايلىقلىرىغا يول ئېچىش ئۈچۈن سۇدان ھۆكۈمىتى دارفۇردا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ: بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 21- ئەسىردىكى تۇنجى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ، دىپلوماتىك جەھەتتىن قوغداپ ۋە قورال ياراق جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى" دەپ يېزىلغان.
ماقالىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، 2005- يىلىلا خىتاينىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىگە 83 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياراق ، ئايروپىلان ۋە زاپچاسلارنى سېتىپ بەرگەنلىكى، يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، خىتاينىڭ سۇدانغا يەنە A- 5 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان، تىكئۇچار، K - 8 تىپلىق مەشىق ۋە ھۇجۇم ئايروپىلانلىرىنى ھەمدە سۇداننىڭ ئۆتكەن يىلى چادقا باستۇرۇپ كىرىشىدە ئىشلىتىلگەن يېنىك تىپتىكى بەزى قوراللارنى سېتىپ بەرگەنلىكى ئۇتتۇرىغا قويۇلغان.
نىكولاس كىرستوف : " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۈزى تۆكۈلۈشى مۇمكىن"
ماقالە ئاپتورى بۇ يەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى قارشى بىلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بۇنىڭدىن: " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك يۈزى تۆكۈلۈش خەتىرى" ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ماقالە ئاپتورى نىكولاس كىرستوف ئەپەندى، نيۇ-يورك ۋات گېزىتىنىڭ سىياسىي تەقرىزچىسى بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ سۇدانغا كىرىشىنىڭ ئالدىن ئېلىشتا نەتىجە قازىنىشىدىكى سىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ دېپلوماتىك ئارقا تېرەك بولۇشىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە بۇلارغا مىسال سۈپىتىدە سۇدان ئارمىيىسىنىڭ بۇ يىل 7- يانۋاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى دەپ ئېنىق بەلگە تاقىغان تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا پىستىرما قۇرۇپ ھۇجۇم قىلغانلىقى، شۋېتىسيە، نورۋېگىيە، نېپال، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۇدانغا كىرگۈزۈلىدىغان تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سۇداندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا دىپلوماتى جون گرانۋىلنىڭ خارتۇمدا قەستكە ئۇچرىشى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، خىتاي ئولىمپىكىنى " قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" دەپ ئاتاپ ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتلەر باشلانغاندىن كېيىن ، خىتاينىڭ سۇداننىڭ دارفۇر رايونىغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى كىرگۈزۈش جەھەتتە مەلۇم ياردىمى تەگكەن بولىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ يەنىلا سۇدان بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر ئاددىي رېئاللىق ئىكەنلىكى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدان ئارمىيىسى ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا پىستىرما قۇرۇپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ ، يەنە سۇداننى قوللاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.
تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك يېرى ، سۇدان ھۆكۈمىتى دارفۇرغا جايلاشقان ئافرىقا ئىرقىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلاردا ئەجەللىك رول ئوينىغان جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كاتتىبېشى مۇسا ھىلالنى سۇدان مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئورۇن بېرىپ يۆتكىگەن.
خىتاي ئولىمپىكى بىر قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى سۈپىتىدە قېلىۋېرىدۇ
ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا ئاپتور ، نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينىڭ نەتىجىلىرىگە قايىل بولۇۋاتقان پەيتلەردە،، ئەمما خىتاينىڭ دارفۇردىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپ ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ ئېغىر جىنايەتكە يول بېرىۋاتقانلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ دېيىلگەن ۋە " خىتاي بىر كۈچلۈك دۆلەت سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانلىقىنى خەلقئارا مىقياسىدا تەبرىكلەشكە ئەرزىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىرق ۋە تېرە رېڭى سەۋەبىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش قىلمىشلىرىنى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەشنى توختاتمىغانلىقى سەۋەبلىك، تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئولىمپىك بىر قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى سۈپىتىدە قېلىۋېرىدۇ" دېيىلگەن.
سۇدان ھوكۇمىتىنىڭ دارفۇر رايونىغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە ئىككى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى چەتئەللىك تەننتەربىيە ماھىرلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە
- خىتايدا ھەر يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئىش ئۈستىدە قازا قىلماقتا
- بېيجىڭ دائىرلىرى ئولىمپىك قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا تەنھەرىكەتچلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكچى
- يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەتتىن تاشقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا
- خەلقئارا ساقچى: تېررورچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا