خىتايدا ئۇيغۇر ئاخبارات ساھەسى تېخىمۇ ئېغىر تەقىپ ئاستىدا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ، ئولىمپىك داۋامىدا ئاخبارات ساھەسىگە ئەركىنلىك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە دۇنياغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ۋەدىسىگە خىلاپ ھالدا ، خىتاي ئىچى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ھەم ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ داۋاملىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاخبارات ساھەسى قانداق تەقىپلەرگە ئۇچرىماقتا، -2008 يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكى داۋامىدا ئۇيغۇر ئاخبارات ساھەسى قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەققىدە ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاخبارات ساھەسىدە خىزمەت قىلغان ، يېقىندا ياۋروپاغا چىققان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.