نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار توپىلىڭى يۈز بەردى
2007.12.26
خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدىكى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار توپىلىڭى يۈز بېرىپ، نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چاققان ۋە توپىلاڭنى باستۇرماقچى بولغان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن توپىلاڭغا بىر ئاپتوموبىلنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا بىر ئوقۇغۇچىنى سوقۇۋېتىشى ۋە ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئەپۇ سورىمايلا قالماي، ئادەم باشلاپ كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش ۋەقەسى سەۋەبچى بولغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار توپلىشىپ بۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىشقان.
ئوقۇغۇچىلار بىلەن ۋەقە تۈغدۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى باستۇرماقچى بولۇپ كەلگەن ساقچىلار، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارغا يان باسقان ۋە بىر ئوقۇغۇچىنى تۇتۇپ ساقچى ئاپتوموبىلىغا سولىماقچى بولغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتكەن.
بۇ جەرياندا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نەق مەيدانغا كەلمىگەنلىكى شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرمىگەنلىكىدىن تېخىمۇ غەزەپلەنگەن ئوقۇغۇچىلار، ۋەقە تۈغدۇرغۇچىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەن ھەمدە قالايمىقانچىلىق سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەرگە قەدەر داۋاملاشقان.
ئاخىرىدا نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ۋەقەگە قاتناشقانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەسلىككە، مەكتەپ قورۇسىنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ۋە ۋەقە تۇغدۇرغۇچىنى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتۈرۈشكە ۋەدە قىلغاندىن كېيىنلا ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىغا تارقالغان.
لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋەقەگە يىتەكچىلىك قىلغان بىر ئوقۇغۇچىنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىدە ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ۋەقەلەر پات - پات يۈز بەرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭ دائىرىلىرى، خىتاي زىيالىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا رۇخسەت بەرمىدى
- بېيجىڭ ساقچىلىرى ئەركىن قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىلىشىنى باسىتۇرۇشى مۇمكىن
- خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئاتتى
- خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل تۈردە يۈز بەرمەكتە
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە ئېلىش ئىشلىرى مەۋجۇت
- خىتاي "قانۇن تەشۋىقات كۈنى" ھارپىسىدا نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى
- خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ھەربىي ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئىسيان كۆتەردى
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- تيەنئەنمېن نامايىشىدا تۈرمىگە تاشلانغان لى ۋېيخۇڭ قويۇۋېتىلدى