خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئىقتىساد ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2004 - يىلى مەزكۇر بۆلۈمدىكى 15 ئوقۇتقۇچىدىن تەركىپ تاپقان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خېيلوڭجياڭ، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ، مەزكۇر جايلاردىكى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000 – يىلى " 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا ئومۇملاشتى، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىق ئاساسەن تۈگىدى ھەمدە 2002 - يىلىدا مەملىكەت بويىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 98٪ كە يەتتى" دەپ ئېلان قىلغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى، شۇنداقلا يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ قايتىلاپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يەنە ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپىغىلا خىراجەت بېرىپ، يېزىلاردىكى مەكتەپلەر بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقى، مەجبۇرى مائارىپنىڭ ئاساسى چىقىمىنى يەنىلا دېھقانلار ئۆزى ھۆددىگە ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىبىنىڭ ئىقتىساد ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاينىڭ كۆپ قىسىم ناھىيە ۋە شەھەرلىرى مائارىپ ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ سالمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان يېزىلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۇقۇشتىن توختاپ ، مەكتەپلەر تاقىلىپ قالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن. (مېھرىبان)