خەلقئارا مۇھىتنى ئاسراش تەشكىلاتى بولغان "دۇنيا تەبىئەت فوندى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ياغاچ ماتىرىياللىرىغا بولغان ئىھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى، باشقا دۆلەتلەردىكى ئورمانلارغا تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قانۇنسىز كېسىلگەن دەرەخلەر ئاساسلىقى خىتايغا يۆتكىلىدىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1998 - يىلى چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە دەرەخ كېسىشنى قاتتىق چەكلىگەن. ئەمما خىتاينىڭ ياغاچ ماتىرىياللىرىغا بولغان ئىھتىياجى بارغانسىرى ئېشىپ بارغاچقا، خوشنا دۆلەتلەردىكى قانۇنسىز كېسىلگەن دەرەخلەرنى ئىمپورت قىلغان.
"دۇنيا تەبىئەت فوندى" نىڭ تەشەببۇس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرەخ كېسىش چەكلەنگەن ئورمانلىرىدا مۇۋاپىق ھالدا دەرەخ ئۆستۈرۈپ، ياغاچ ئىشلەپچىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىناتنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي يەنە، ياغاچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ياغاچ ماتىرىياللىرىنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. (ئارزۇ)