خىتايدىكى ئۆسمۈر بالىلارنى سېتىش جىنايىتى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى


2007.09.25

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئۆسمۈر بالىلارنى سېتىشقا دائىر قىلمىشلىرى كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيىسى 4 ‏- قانىلىنىڭ كېلەر ئايدىن باشلاپ قويماقچى بولغان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بالىلارنى سېتىشقا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىمدە ھەر يىلى ئاز دېگەندە 70 مىڭ ئۆسمۈرنىڭ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق باشقا جايلارغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيىسى 4 ‏- قانىلىنىڭ مەزكۈر ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە ئۆزلىرىنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمىگەنلىكىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، فىلىمدىكى مەزمۇنلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ فىلىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ بىر پەرزەنتلىك سىياسىتىنىڭ بالىلارنى سېتىش جىنايىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە مەزكۈر فىلىمنى تارقاتماسلىق ئۈچۈن تىرىشقان.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان " تايمىز " گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي باش ئەلچىخانىسى يەنە ئەنگىلىيىنىڭ ئاخبارات باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، 8 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى قويۇلماقچى بولغان ھۆججەتلىك فىلىمنى قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئارىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ بالىلارنى سېتىش مەسىلىىسنى ئازايتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ھازىر ئەھۋالدا ياخشىلىنىش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما فىلىم مەسئۇللىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئۆزلىرىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەن پاكىتلىق ماتېرىياللىرىنى يوللىغان.

ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيىسى 4 ‏- قانىلىنىڭ فىلىم ئىشلەش ئەترىتى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۆز بالىلىرىنى ساتقان ئاتا ‏- ئانىلار ۋە ئادەم بىدىكلىرىنىڭ بالىلارنى سېتىش جەريانىدىكى نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى سىنئالغۇغا چۈشۈرۈۋالغان ئىكەن. مەزكۇر قانال ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر 2 قىسىملىق فىلىم ئىشلەپ تارقاتقان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.