دېخۇي خەلقئارا سودا مەركىزىدىكى ئوت ئۆچۈرۈلدى

ئۈرۈمچىدىكى دېخۇي خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ بىناسىغا كەتكەن ئوت ئاخىرى 3- يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاساسەن كونترول قىلىنغان ھەمدە 5-يانۋار كۈنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر مەيداننى تازىلاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە، مەزكۇر دېخۇي شىركىتىنىڭ خوجايىنى چيەنجىڭنەي قاتارلىقلار ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، دېلو قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

ئوت ئۆچۈرۈش دائىرىلىرى سودا مەركىزى مەيدانىنىڭ 65 مىڭ كۋادرات مېتىر قىسىمىنىڭ كۆيۈپ، 1046 سودىگەرنىڭ دۇكىنىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، ئومۇمى زىياننىڭ بەش يۈز مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئوت ئاپىتى بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار بولسا، قالغان ئىككى نەپىرى مەزكۇر سودا مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان خادىملار ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي سودىگەرلەر بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ 200 مىڭ يۈەنلىك، بەزىلىرىنىڭ 5 - 6 مىليون يۈەنلىك مەبلىغى كۆيگەن ئىكەن.

بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى قىرغىزىستاندىكى تۇربازا ناملىق ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بازىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مەبلىغىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلگىرى ئاتۇش، تۇرپان ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىغىمۇ ئوت كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر سودىگەرلەر ۋەيران بولغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)