خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى زىگۇڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى يېقىندا 200 گە يېقىن ساقچى ۋە قوراللىق ئەسكەر قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، 3 ئائىلىكنى ئۆزىگە تەۋە يەر زىمىنلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاپ، ئويلىرىنى چېقىشقا ئۇرۇنغاندا، شۇ جايدىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىنغان. ساقچىلار مەقسىتىگە يېتەلمەي، ئەتىسى سەھەر سائەت 5 تە يەنە 200 نەپەر قوراللىق خادىم بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىي ئۆي چىقىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
ئۆي چىقىش جەريانىدا، 7 كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشانغان 3 كىشى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە زىگۇڭ شەھىرىدە تاۋار ئۆيلىرىنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 2000 يۈەندىن ئارتۇق ھېسابلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن، ئەكسىچە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرغا تۆلىگەن ھەققى ئاران 350 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولغان. ئۆي ئىگىلىرى تۆلەم ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە داۋاسىنى ئاڭلايدىغانلارنىڭ يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشىنى رەت قىلغان.
خىتايدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىدىغان خەلق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى، ئاھالىلارنىڭ شەخسى ئۆي - ماكانلىرىنى مەجبۇرىي بۇزۇپ چىقىپ، يەرلىرىنى تارتىۋېلىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلمەكتە. (ئەقىدە)