كېرىموف ھۆكۈمىتى، ئەنجاندىكى "13 - ماي قەتلىئامىنى" قوللىغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دۈشەنبە كۈنى بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىملەر خىتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا 150 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى جوڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش تۈرى ئۈچۈن 106 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بۇ تۈرلەرنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان چاغدا ئىمزالاندى. ۋۇ يى، دۈشەنبە كۈنى تاشكەنتدە خىتاي- ئۆزبېكىستان مۇنبىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان.
پرېزىدېنت كېرىموف، 13 - مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن چەتئەلگە قىلغان تۇنجى زىيارىتىنى خىتايدا ئېلىپ باردى. خىتاي، رۇسىيە بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇشنى تەكشۈرۈشىگە قارشى چىققان شۇنداقلا كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، ئەنجاندىكى ۋەقەنى "قەتلىئام،" دەپ تەنقىدلىمەكتە. دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنى، ئەگەر ئۆزبېكىستان 13 - ماي ۋەقە ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلسا، ئۆزبېكىستانغا قورال - ياراق ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىمىز، دەپ ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)