رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتايدا يۇز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىملارنىڭ 4 دىن بىر قىسمىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كوپ ساندىكىلىرى 15 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىكەن.
خىتايدا رىقابەتلىك ھايات ۋە جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەت تۇرمۇشتا ئېغىر بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ خىتاي ياشلىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشلىرىنى كۆپەيمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىلىرىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ياش - ئۆسمۈرلەرمۇ كوپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي روھىي ساغلاملىق جەمئىيىتىنىڭ سانلىق ستاستىكىسىغا قارىغاندا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىتاي ياشلىرى ئارىسىدا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 2006 -يىلدىكى ئومۇمى ئۆلۈم-يېتىمنىڭ 26 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. لېكىن جەمئىيەت ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدا 2006 يىلى 31، 500 كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇپ، نوپۇس نىسبىتى جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئادەم نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتايدا ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، 140 مىڭدىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلاشقان ۋە 6. 5 پىرسەنتى قانداق ئۆلۈۋېلىش ئۈستىدە تەپسىلىي پىلان تۇزۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى ياش- ئۆسمۈرلەر سالامەتلىكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئېنقىلىشىچە، 2002- يىلىدىن بېرى، ياش- ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىشتىكى ئۇچ قەدەم- ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كويىدا بولۇش، پىلان تۈزۈش ۋە ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت قەدەملەر ئۈستىدە كاللا قاتۇرىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. راي سىناشتا يەنە، بالىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تەنھالىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا، 40 پىرسەنتىنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنىڭ كوپ قىسمى مەدەنىيەت ھادىسىسى سەۋەبلىك ئۆز ھىس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىش، ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتتىكى مۈشكۈلچىلىك، ئۆز كىملىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە تىرىشچانلىقنىڭ كەم بولۇشى سەۋەبلىك كىلىپ چىققان ئىكەن. (جۈمە)