دۈشەنبە خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرىدە بىر خىتاي دېھقان تەرىپىدىن بىر ئاپتوبۇستا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھەرىكىتىدە بىر كىشى ئۆلگەن 31 ئادەم يارىلانغان.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن كىشى پارتلىتىشنى ئېلىپ بارغان 42 ياشتىكى دېھقان ئىكەن. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، دېھقاننىڭ ئىسمى بېرىلمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ ئۆپكە راك كېسەللىكىگە گىرىپتار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرىدە، خىتايدا شەخسى ئۆچ ئېلىش ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپلىرىدا بۇنداق پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، زىيانغا ئۇچرىغان ۋە ياكى ئىشتىن چىقىرىلغان ئىشچىلارنىڭ خىتايدا ناھايىتى ئاسان تېپىلىدىغان پارتلىتىش دورىلىرى بىلەن بۇنداق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە، يانۋاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىدارىسىدىن نارازى بولغان بىر نەپەر كۆمۈر كان ئىشچىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە 11 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا 1130 قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. (قانات)