شاڭخەيدە بىر كىشى ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان


2006.03.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

شاڭخەيدە بىر كىشى مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26 ‏- مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7 لەر ئەتراپىدا، شاڭخەي خۇاڭپۇ رايونى تىبەت جەنۇبىي يولى 1664 ‏- نومۇرلۇق ئۆيدىكى بىر كىشى بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.

مەزكۈر ۋەقە، 2010 ‏- يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كۆزگەزمە تەييارلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن. چېقىۋىتىلمەكچى بولغان بۇ جاي51 ياشلىق چاڭ داۋجۇننىڭ تىجارىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، چاڭ 2 ‏- ئايدا ئۆيىدىن گاز چىقىرىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان، ئۇ دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل داۋالىنىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان ئۆي كۆچۈرۈش ئىدارىسى چاڭغا داۋاملىق تەھدىت ئىشلەتكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى بۇ جاينىڭ قەتئىي چىقىۋىتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان چاڭ بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.

ھازىر، چاڭنىڭ ئايالى ئەگەر بۇ ئىش ئادىللىق بىلەن ھەل قىلىنمىسا، ئېرىنىڭ ئاخىرەت ئىشلىرىنى بىجىرمەيدىغانلىقىنى، جەسەتنى دوختۇرخانىدىن يۆتكىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانسىمىز خۇاڭپۇ رايونىدىكى ئۆي كۆچۈرۈش ئىدارىسىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ بۇ ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلغاندا، ئۇلار چاڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن سىرت ئاممىنىڭ ئېيتىشىچە، چاڭنىڭ ئوغلى ئۆي كۆچۈرۈش ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن قاتتىق جىدەللەشكەن ئەمما ساقچىلار بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقە تۈپەيلى، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.