پاكىستان بىلەن ھىندىستان كەشمىر مەسىلىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى


2004.09.05

پاكىستان بىلەن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يەكشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىدا ئۇچرىشىپ، كەشمىر مەسىلىسىنى ئاساسى مۇزاكىرە تېمىسى قىلغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ دوستانە، دۇرۇس، سەمىمىي ۋە ئىجابىي خاراكتېرلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۆھبەتنىڭ تېمىسى كەشمىر مەسىلىسىنى ئاساس قىلغاندىن سىرت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ترانسپورتتىن تارتىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقىچە بولغان بارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان.

سۆھبەت ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناتۋار سىڭ بىلەن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇرشىد ماخمۇد قاسۇرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . برىتانىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى .

پاكىستان تەرەپ كەشمىر مەسىلىسى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مەركىزى تېمىسى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ ، كەشمىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىقنىڭ كاپالىتى دەپ كۆرسەتكەن . ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ ، كەشمىردىكى قوراللىق تەشكىلاتلار بىلەن شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان . ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىككى يىل ئىلگىرى كەشمىر مەسىلىسى سەۋەبىدىن 4 - قېتىم ئۇرۇش پارتلاشقا قىل قالغان ئىدى .ئىككى دۆلەت كەشمىر مەسىلىسى بويىچە 1947 يىلدىن بېرى 3 قېتىم ئۇرۇش قىلغان .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.