پاكىستان خىتايدىن 4 دانە ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋالماقچى
2005.04.04
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، پاكىستان يېقىندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قورال تەمىنلىگۈچىسى خىتايدىن 4 دانە ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋالماقچى ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ سودا توختامىنى پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى راۋالپىندىدا تۈزگەن بولۇپ، ئەمما پاكىستاننىڭ بۇنىڭغا قانچىلىك پۇل تۆلەيدىغانلىقى ياكى پاراخوتلارنى قاچان تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى تېخى مەلۇم بولمىغان.
پاكىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى شاھىد قارىموللا ئۆتكەن يىلى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خىتايدىن 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىگە خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، پاكىستان، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمكاردىشىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقلا خىتاي، پاكىستاننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. (پەرىدە)