جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى پاكىستانغا يېتىپ بارغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، پاكىستان - خىتاي سىياسى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىشى مۇمكىن. ئامما ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋېن جياباۋنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېما ھېسابلىنىدىكەن.
ۋېن جياباۋ، سودا سانائەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلغان 70 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، سەيشەنبە كۈنى پاكىستان پايتەختىگە قوندى. ئۇ، شۇ كۈنى پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ۋېن جياباۋ، چارشەنبە كۈنى ئىسلامابادتىكى ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىدۇ. ئۇ، پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن.
پاكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىۋاتقان جەنۇبىي ئاسىيادىكى يېقىن ئىتتىپاقدىشى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاساسلىق قورال - ياراق خېرىدارى.
ۋېن جياباۋ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى باشلاشنىڭ سەل ئالدىدا، پاكىستان دېڭىز ئارمىيىسى خىتاي بىلەن 4 دانا ھەربىي پاراخوت سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. خىتايلار پاكىستاننى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، گۋادارغا چوڭقۇر سۇ پورتىنى سېلىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق ئىقتىسادى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇنىڭغا كېتىدىغان مەبلەغنىڭ كۆپ قىسىمىنى خىتاي تەرەپ ئۈستىگە ئالغان. ئامما پاكىستان ھۆكۈمىتى گۋادار پورتىنىڭ خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىلىدىغانلىقىنى رەت قىلماقتا.
رويتېرس ئاخباراتئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ بۇ سەپىرىدە پاكىستان بىلەن 19 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالايدىكەن. (ئەركىن)