خىتاي بىلەن پاكىستان كەڭ دائىرىلىك كېلىشىملەر ئىمزالىدى

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەف دۈشەنبە كۈنى 3 نەپەر خىتاي ئىنژېنىرىنىڭ پاكىستاندىكى قەبىلە مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇناسۋىتى بىلەن ئەپۇ سوراپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشتى. ئۇ، خىتاي ئىنژېنىرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى پاكىستاننىڭ يۈزىگە "داغ تەككۈزگەنلىك" دەپ تەكىتلىگەن ۋە جاۋاپكارلارنىڭ شەپقەتسىزلەرچە جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دۈشەنبە كۈنى سودا، دۆلەت مۇداپىئە، يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كەڭ دائىرىلىك كېلىشىملەر ئىمزالىدى. مۇشەررەفنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 5 كۈنلىك زىيارىتى يەكشەنبە كۈنى باشلانغان. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە 3 نەپەر خىتاي ئىنژېنىرىنىڭ بالۇجىستاندا يەرلىك قەبىلە مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە پاكىستاننىڭ " ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى ۋە قايغۇرغانلىقىنى" ئەسكەرتىپ، زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن - مۇددەتلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " بۇ ۋەقە پاكىستاننىڭ يۈزىگە داغ تەككۈزدى" دەيدۇ.

ئۇنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋۇ باڭگوغا ئەسكەرتىشىچە، " پاكىستان پۇقرالىرى خىتاينى سۆيىدىكەن." شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇشەررەفنىڭ جاۋاپكارلارنى " ئېغىر ۋە شەپقەتسىزلەرچە جازالايمىز " دەپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۇ، شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن خەلق سارىيىدا ئۇچراشتى. تەرەپلەر شۇ كۈنى كەڭ دائىرىلىك مەزمۇندىكى 13 خىل كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

خىتاي پاكىستاننى قورال - ياراق ۋە نازۇك تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت. غەرب دۆلەتلىرى بېيجىڭنى پاكىستانغا بالىستىك بومبا تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلامئاباد، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ پاكىستاندىكى پائالىيىتىنى باستۇرۇش مەسىلىسىدە ئاكتىپ بولۇپلا قالماي، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. (ئەركىن)