پاكىستان پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇشاھىد ھۆسەيىن سېد، شەنبە كۈنى ئىسلام ئاباددا خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، پاكىستان جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاينىڭ غەربىي رايونىنى ئوتتۇرسىدا ئانېرگىيە ۋە سودا- تىجارەت ساھەسىدە ھالقىلىق رول ئوينىيالايدۇ، دېگەن.
پاكىستان سىياسىي تەتقىقات ئىنستېتوتى خىتاي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستېتوتى، سىچۈن ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋە يۈننەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئىككى كۈنلۈك يېغىننىڭ يېپىلىشىدا سۆز قىلغان مۇشاھىد ھۆسەيىن سېد، پاكىستاننىڭ ئاللىقاچان قاراقۇرۇم تاش يولىنى كېڭەيتىش ئىشىنى باشلىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بىر تۆمۈر يولى ياساشنى پىلانلاۋتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ شۇنداقلا، پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشقان يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى كۆپەيتىشكە ھەققىدە ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئۇچرىشىشلارنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.
سۆزىدە، پاكىستاننىڭ سابىق ئىقتىساد مىنىستىرى فاسىخ ئۇددىننىڭ "پاكىستان پۈتۈن سىياسەتلىرىنى خىتايغا ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك" دېگەن كۆز قارىشىنى قوللايدغانلىقىنى بىلدۈرگەن پاكىستان پارلامىنتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خىتاي بىلەن پاكىستان خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش يوللىرىنى تەدقىق قىلىش ئۈچۈن پاكسىتاننىڭ يېقىندا خىتاي ئىنستېتوتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقنى بىلدۈرگەن. (قانات)