ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسىنى "ھوقۇقنى سۈيىئىستىمال قىلدى" دەپ ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا پرېزىدېنت مۇشەررەپكە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلەر توختىمىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەندە، پەرۋېز مۇشەررەپنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
ئەمما ، ئامېرىكا ھېچقاچان پاكىستاننىڭ قانداق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى بەلگىلىمەيدۇ، ئۇنى پاكىستان ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرشى لازىم دېدى. (ۋەلى)
