29 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك بېيجىڭدىكى بىر ياپونىيە مەكتىۋىگە قېچىپ كىرىپ پاناھلىق تىلىدى


2004.09.01

ياپونىيە ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا 29 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك بۇ يەردىكى بىر ياپونىيە مەكتىۋىگە قېچىپ كىرىپ پاناھلىق تىلىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇلار 11 ئەر، 15 ئايال ۋە 3 بالىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار -1سېنتەبىر ئەتتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:30 ئەتراپىدا بۇ مەكتەپكە قېچىپ كىرگەن.

ياپونىيە ئەلچىخانا خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۈر مەكتەپ بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن بىر كۈن خىزمەت توختاتقان ھەمدە ئەلچىخانا نۆۋەتتە بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرە قىلماقتا.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى بۇ 29 نەپەر شىمالىي كورىيىلىكنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

گەرچە خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن شىمالىي كورىيىلىكلەرنى قايتۇرىۋېتىش كېلىشىمىنى تۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتايدىكى چەتئەل ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرگەن شىمالىي كورىيەلىكلەر غەلىبىلىك ھالدا جەنۇبىي كورىيەگە ئەۋەتىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.