شىمالىي كورىيىلىكلەر بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىغا بۆسۈپ كىردى
2004.09.29

44 نەپەر سىياسى پاناھلىق تىلەشنى مەقسەت قىلغان شىمالىي كورىيىلىكلەر دەپ قارالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر چارشەنبە كۈنى كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بۆسۈپ كىردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا ئەلچىخانا دائىرىلىرى بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەلچىخانىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كانادا ئەلچىخانا باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەلچىخانا خادىملىرى نۆۋەتتە بۇ كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىنىقلىماقتا ئىكەن.
2002 - يىلىدىن بويان خىتايدىكى نەچچە يۈزلىگەن شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار چەت دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىغا كىرىپ پاناھلىق تىلەپ،بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيىگە بېرىشقا ئۇرۇنغان.
خىتاينىڭ گەرچە شىمالىي كورىيە بىلەن خىتايدىكى شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش ھەققىدە تۈزگەن كېلىشىمى بار بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى چەتئەل ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرى ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جەنۇبىي كورىيىگە يېتىپ بارغان.
بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدا مۈكۈنۈپ يۈرگەن شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 100 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)