خىتاي 65 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرنى قولغا ئالدى


2004.10.27

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى ئىككى ئائىلىلىكلەر بىناسىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، بۇ يەردىكى پاناھلىق تىلەشكە ئۇرۇنغان 65 نەپەر شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرنى قولغا ئالدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ شىمالىي كورىيىلىكلەر ئەسلى چەت دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ياكى چەتئەل مەكتەپلىرىگە قېچىپ كىرىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن. ھەتتا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا يول كۆرسىتىۋاتقان ئىككى جەنۇبىي كورىيىلىك بار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ بېيجىڭدىكى چەتئەل ئەلچىخانىلىرىغا بۆسۈپ كىرىش ھەرىكىتىنىڭ، خىتاي قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ شىمالىي كورىيەلىكلەرنى قانات ئاستىغا ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

شىمالىي كورىيىلىكلەر ئاساسلىقى ئاچارچىلىق ۋە ھۆكۈمرانلىق بېسىم تۈپەيلىدىن شىمالىي كورىيىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدىلا 100 دىن ئوشۇق شىمالىي كورىيىلىك چەتئەل ئەلچىخانىسى ۋە مەكتەپلىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان. شۇنداقلا ئۇلار ھازىر جەنۇبىي كورىيىگە مېڭىش تەييارلىقىدا تۇرماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.