خىتاي رىم پاپاسى ھەققىدىكى ئىنتېرنېت بايانلىرىنى توسىدى


2005.04.04

خىتاي ھۆكۈمىتى تورغا چىققۇچىلارنىڭ ۋاتىكاننىڭ رەھبىرى، رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان بايانلىرىنى توسىۋەتكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى داڭلىق ئىنتېرنېت تور پونكىتلىرىدىن بولغان sina ۋە sohu قاتارلىقلارنىڭ مۇنازىرە مەيدانلىرى شەنبە كۈنى رىم پاپاسىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى تۈرلۈك بايانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى كۆرگىلى بولمىغان.

Sohu تور پونكىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن مۇنازىرە مەيدانىدىكى بايانلارنى ئۆچۈرىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، "دىنىي مەسىلە دېگەن ئالاھىدە مەسىلە. شۇڭا بىز ھەر قانداق قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز" دېگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھازىر مەزكۇر مۇنازىرە مەيدانىغا خەت يازغۇچىلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭلا يازغانلىرىنى كۆرەلەيدىكەن، ئەمما باشقىلارنىڭكىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى، دۆلەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى بىر چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغان بولۇپ، خىتايدا ھازىر ئىنتېرنېتنى توسۇش ۋە سەزگۈر تېمىلاردا ماقالە يازغۇچىلارنى جازالاش ئەھۋاللىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.