دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رىم پاپاسىنى تەبرىكلەۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى رىم پاپاسى بېنېدىكت XVI نى بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر پارچە باياناتىدا، " بىز ئىككى خىل شەرت ئاستىدا، خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىنى خالايمىز. بىرى، ۋاتىكان تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى كېرەك. يەنە بىرى، ۋاتىكان خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا بولۇپمۇ دىنىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك" دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1950 - يىللىرى خىتايدىكى دىن تارقاتقۇچى چەتئەللىكلەرنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ۋاتىكان 1951 - يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى رەسمىي ئۈزگەن ئىدى.
بۇ ئارىدا تەيۋەن دائىرىلىرى، ۋاتىكاننىڭ ھەرگىزمۇ تەيۋەننى قۇربان قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)