خىتايدا 6 مىليون 490 مىڭ يۇەن خىيانەت قىلغان جۇڭگو دورا بۇيۇملىرىغا نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېن شياۋيۈ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 'ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىغان' دېگەن جىنايى نام بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. بۇ، ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى ئېدۋارد كودىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 2000 - يىلىدىن بۇيان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 9 - كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى شا يېلياڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىپ، بۇ جازانىڭ مەلۇم ئىجابىي رولى بار، ئەمما جۇڭگودا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە، دېلونى ئالدى بىلەن پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ئىگىلىۋېلىپ، دۆلەت قانۇنىنىڭ بىۋاستە جازالىشىنى كېچىكتۈرىۋىتىدۇ.
بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق قۇرۇلما ئەمەس. ئەمما، -- دەيدۇ بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىندۇ، --- جېن شياۋيۈ دەك خەلققە بىۋاستە زىيانكەشلىك قىلغان خىيانەتچىلەر جۇڭگودا ئاز ئەمەس، ھازىر بۇنداق خىيانەتچىدىن 'بىرنى ئۆلتۈرۈپ مىڭنى چۈچۈتۈش' مۇمكىن ئەمەس، ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇستەقىل قانۇن سېستىمىسى تىكلىنىشى كېرەك. (ۋەلى)