خىتايدا بىر مىنىستىر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2005.12.27
خىتاينىڭ يەر - زىمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى تيەن فېڭشەن 500 مىڭ دوللار پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، سەيشەنبە كۈنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تيەن فېڭشەننى 1996 -يىلدىن 2003- يىلغىچە 538 مىڭ دوللار پارا ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈردى، دەپ قارىغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىتى بويىچە تيەن فېڭشەننىڭ بارلىق مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ سىياسى ھوقۇقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلىندى. تيەن فېڭشيەن ئىلگىرى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ئىدى. ئۇ، 2000- يىلى خىتاي دۆلەتلىك يەر - زىمىن ۋە تەبئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تيەن فېڭشەننى "دۆلەت خادىمى بولسىمۇ ئەمما ئۇ خىزمەتتىكى قولايلىقى ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، شەخسى مەنپەئەتىگە چوغ تارتقان ۋە قانۇنسىز پارا يېگەن" دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە تيەن فېڭشەننىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشىغا دائىر تەپسىلى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىمىدى. ئەمما تيەن فېڭشەن، 2003 - يىلى ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ يەر - زىمىن سودىسىغا دائىر خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوت مەھكىمىسى تيەن فېڭشەن خىيانەت قىلغان بارلىق پۇل- پۈچەك ۋە ماددى بۇيۇملارنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سوت مەھكىمىسى تيەن فېڭشەن قوبۇل قىلغان پارىنىڭ " پەۋقۇلئاددە زور" ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تيەن فېڭشەن بىلەن بىرگە ئەيىبلەنگەن خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋېن سېكرىتارىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا 11 ئايدا 290 مىليارد سوم قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئايال ئەمەلدارى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى ئەرزلىرىنى ئاشكارا كۆرۈپ چىقىدۇ
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى
- خەلقئارا تەشكىلات: چىرىكلىك نامراتلىققا سەۋەب بولماقتا