خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى مۇئاۋىن قوماندانى ۋاڭ شۇيې ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
2006.06.29
شىنخۇا ئاگېنتىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى ۋاڭ شۇيې ئىقتىسادىي دىلو سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ۋاڭ شۇيې مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىلىك سالاھىيىتىدىنمۇ چىقىرىۋىتىلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتىلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ۋاڭ شۇيې " ئەخلاق بۇزۇقلۇقى" ، " ھوقۇقىدىن پايدىىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش"، " ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش" دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان چىرىكلىككە زەربە بېرىش دولقۇنىنى قوزغاش ئارقىلىق ، خەلق ئاممىسىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىگە بولغان ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، نەچچە مىڭلىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازاغا تارتقان . ئەمما ۋاڭ شۇيېغا ئوخشاش ھەربىي ئەمەلدارلارنى جازالاشنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى ئاز ئۇچرايدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تەپتىش ئىدارىسى ھۆكۈمەتتىكى چوڭ خىيانەتچىلىك ۋەزىيىتىنى بايقىدى
- بېيجىڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن رەھبىرى خىيانەتچىلىك سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلدى
- بېيجىڭنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى
- خىتايدىن چەتكە قاچقان جىنايەتچىلەر 8 مىليارد دوللارغا يېقىن خىيانەت قىلدى
- خىتايدا بىر مىنىستىر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى