خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، خىتاي پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئېغىر پارىخورلۇق ھەرىكەتلىرى پاش بولماقتا.
خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت ئىچىدە خەلقنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن 1712 نەپەر كادىر ئۈستىدىن بۇلتۇردىن باشلاپ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە ھەر دەرىجىلىك چىرىك كادىرلارنىڭ جەمئىي بەش مىليارد بەش يۈز مىليون يۈئەنگە خىيانەت قىلغانلىقى ئاشكارلانغان.
قىلمىششى ئېغىر بولغان يەتتە كادىرغا پارتىيە ئىچىدە جازالاش قارار قىلىنغاندىن باشقا بەش كادىر ئەدلىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئالدىدا خېنەن ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جىڭجۇ شەھرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان ۋاڭ يوئۇجىئې خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىنيانەتچىلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇ خىزمەت ئۆتەش جەريانىدا جەمئىي 54 قېتىم پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان، 9 مىليون يۈئەن پۇلغا ئىگە بولغان.
نۆۋەتتە خىتايدا پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ پارىخورلىقى چېكىدىن ئاشقان بولۇپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىن تارتىپ سىياسىي قانۇن دائىرىلىرىگىچە كادىرلىرىنىڭ پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك جىنايەتلىرى پاش بولماقتا. (گۈلچېھرە)