خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ باشلىغى ۋاڭ جېن، 17 -قۇرۇلتاي داۋامىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىۋېتىپ، خەلق گېزىتىنىڭ بازىرى كاساتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
خەلق گېزىتىنىڭ باشلىغى بولغان ۋاڭ جېن ئەينى ۋاقىتتا، پارتىيە 17 -قۇرۇلتىيى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا، خەلق گېزىتىدىن 100 دىن ئارتۇق مۇخبىرنى قاتناشتۇرغان؛ بىر يىغىنغا بىر گېزىتتىن 100 دىن ئارتۇق مۇخبىر قاتنىشىشى غەرب ئاخباراتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. ۋاڭ جېن بۇ توغرىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، " بىز 17 -قۇرۇلتايغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز، بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، چۈنكى بىز پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى" دېگەن.
خەلق گېزىتى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان 1948 -يىلدىن بۇيان، ۋەزىپىسىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، پەقەت ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە، بۇ گېزىتنىڭ بازار تېپىشى ئوخشاش بولماي كەلگەن؛ بۇ گېزىتنىڭ ئەڭ بازار تاپقان ۋاقتى، 1966 - ۋە 1976 -يىللار ئارىسى بولۇپ، بۇ چاغدا تراژى 5 مىليونغا يەتكەن؛ ئەمما بۇ يىللاردا پۈتۈن خىتايدا ئاران 21 خىل گېزىت-ژورنال نەشر قىلىنغان.
خەلق گېزىتىنىڭ بازىرى چۈشكەن يىللار يېقىنقى 15 يىلدا كۈزگە كۆرۈنەرلىك بولغان، "خىتايدا چىقىدىغان ئاخبارات مۇخبىرى ژۇرنىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خەلق گېزىتىنىڭ تراژى 1992 - يىلى 340 مىڭغا چۈشكەن بولسا، 1999 - يىلى 239 مىڭغا، 2002 -يىلى 220 مىڭغا چۈشكەن. بۇنداق بولۇشى نۆۋەتتە، خىتايدا، 273 رادىئو ئىستانسىسى، 302 تېلېۋىزور ئىستانسىسى، 2000 مىڭغا يېقىن گېزىت بولۇپ، ئومۇمى گېزىت- ژۇرناللار سانى 10 مىڭغا يەتكەن. خەلق گېزىتى باشلىغى بارغانسېرى تراژى ئېشىۋاتقان، باشقا گېزىتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، خەلق گېزىتىنىڭ تراژى ئاشماسلىقىدىكى سەۋەبنى قىزىقتۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغىنىدا " خەلق گېزىتى پارتىيە ئەزالىرىنىلا ئەمەس، خەلىقنىمۇ قىزىقتۇرۇشى كېرەك ئىدى، بۇ تەرەپتە ئاجىزلىقىمىز بار، بۇ ئاجىزلىقىمىزنى گېزىتىمزنڭ قىزىقارلىقىنى، ئەمەليەتچانلىقىنى، ئاممىۋىيلىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تۈزىتىشىمىز كېرەك " دېگەن.
خەلق گېزىتىنىڭ باشلىغى ۋاڭ جېن، خەلق گېزىتى مۇشتىرىلىرىنىڭ قانچىلىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، قانچىلىكى شەخسلەر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى سۆزلىمىگەن. ئەمما، خەينەن ئۆلكىلىك تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ يىل 6 -ئايدا مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، پارتىيە گېزىتلىرىگە مۇشتەرى توپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىغان كادىرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەشۋىقات بۆلۈمىمۇ بۇ يىل 10 - ئاينىڭ بېشىدا مەخسۇس، تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە گېزىتلىرىگە مۇشتىرى توپلاش دولقۇنى قوزغىغان ئىدى. بىر مۇخبىر، بېيجىڭدىكى گېزىتچى دۇكانداردىن سورىغىنىدا، خەلق گېزىتىنى 17 - قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقىنى ئۈچۈنلا، تاختىغا قويغىنىنى، ئادەتتە خېرىدارى بولمىغىنى ئۈچۈن تاختىغا تىزمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقىنى قىسمەن رىقابەت بولۇپ، ئەگەر، ئاخبارات ئەركىنلىكى يولغا قويۇلۇپ جىددىي بىر رىقابەتكە دۇچ كەلسە، بۇ گېزىتلەر بىر دۆۋە ئەخلەت بولۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)