بۇ يىل كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللەر سانى 12 گە چۈشۈپ قالدى


2007.08.03

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر تىزىملىكىنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، تىزىملىك جۈمە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم قۇرۇلتايدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشىدۇر.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان 2217 نەپەر ۋەكىلنىڭ ئىچىدە پەقەت 12 ئورۇننى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن بولۇپ، قۇرۇلتاي تىزىملىكىدىكى تىبەت ۋە تۇڭگان ۋەكىللىرىنىڭ سانى ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ سانىدىن ئاز دېگەندە 3 ھەسسە كۆپ. ۋەكىللەر تىزىملىكىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تىبەتلەردىن كۆپ شۇنداقلا تۇڭگانلاردىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، لېكىن تىزىملىكتىكى تۇڭگان ۋەكىللەرنىڭ سانى 33 نەپەر، تىبەت ۋەكىللەرنىڭ سانى ئاز بولغاندا 36 نەپەر ئىكەن. ئۈنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان 12 نەپەر ۋەكىلنىڭ % 70 دىن كۆپرەكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە مەركەزدە رەھبەرلىك خىزمىتى ئۆتەۋاتقان كومپارتىيىگە سادىق دەپ قارالغان مىللىي كادىرلاردۇر.

كۆزەتكۈچىلەر قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر تەركىۋىدىكى بۇ مىللىي پەرقنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھادىسە، دەپ كۆرسەتمەكتە. "خەلق گېزىتى"دە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئوبزورچى ماقالىسىدە قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، 17 - قۇرۇلتاي جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە تەرەققىياتى ھەل قىلغۇچ دەۋىردە تۇرۇۋاتقاندا چاقىرىلغان مۇھىم قۇرۇلتاي، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ پارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمى تەرتىپكە سېلىنىشى مۇمكىن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن بېرى، يەرلىك ئەمەلدارلار 3 - قېتىم كەڭ - كۆلەملىك تەرتىپكە سېلىنىدىغان قۇرۇلتاي بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.