1 - ئىيۇل كۈنىنىڭ "پارتىيىدىن چېكىنىش كۈنى" قىلىپ بېكىتىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا


2005.06.22

پۈتۈن دۇنيادىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چېكىنىش مۇلازىمەت مەركەزلىرى يېقىندا، خىتاي قۇرۇقلۇقىدىكىلەرنى، چەتئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى خىتاينىڭ پارتىيە كۈنى بولغان 1 - ئىيۇل كۈنىنى "دۇنيا بويىچە پارتىيىدىن چېكىنىش كۈنى" قىلىپ بېكىتىشكە چاقىردى.

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە 9 باھا" ناملىق چاتما ماقالىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا سالغان زۇلۇملىرى ۋە سادىر قىلغان قانلىق باستۇرۇشلىرى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن خەلقئارادىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. شۇنداقلا ھازىرغىچە خىتايدىكى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرىدىن 2 يېرىم مىليون كىشى پارتىيىدىن چېكىنگەن.

دۇنيادىكى پارتىيىدىن چېكىنىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ھازىرغىچە ھەر قايسى جايلاردا مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇرۇش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىش، ساياھەت ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە چىقىرىلغان 9 باھانى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.