خۇنەندە ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
2004.10.26
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى چاڭشا شەھىرىدە بىر ئاپتوبۇستا پارتلاش يۈز بېرىپ، 40دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان . خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يارىلانغان يەتتە كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن .
ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، چاڭشا ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماقتا. شۇنداقلا شەھەرلىك دوختۇرخانا خادىملىرىمۇ يارىدارلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، بۇ ھەقتە شەھەرلىك كومپارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەلۇمات بىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن كومپارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمى سەيشەنبە كۈنى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان تېلېفونلارغا جاۋاپ بەرمىگەن . خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پارتلاش سەۋەبىدىن توختىتىلغان قاتناش قايتىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، چاڭشا ساقچى دائىرىلىرى پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرغان . (ئەقىدە)