خۇنەندىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغان گۇمانلىق كىشى بايقالدى

خىتاي ساقچىلىرى چارشەنبە كۈنى خۇنەندە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى، بۇنىڭدا يارىلانغانلار ئارىسىدىكى بىر كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى چاڭشادا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 50 نەچچە كىشى يارىلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزىلىۋاتقان 54 ياشلىق بىر كىشىنىڭ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خۇنەننىڭ خېڭشەن دىگەن يېرىدىن كەلگەن ياڭ جىڭچۇئەن ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ، ھاياتقا پاسسىپ قارايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىچىدىكى زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنداقلا بۇ كىشى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى بىر دوستىغا يېقىندا چاڭشادا "چوڭ ۋەقە" سادىر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

رادىئومىز مۇخبىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چاڭشا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون ئاچقىنىدا، نۆۋەتچى خادىم مۇخبىرنىڭ ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)