خىتاينىڭ چوڭچىڭ رايونىدىكى بىر چايخانىدا پارتلاش يۈز بەردى

خىتايدا چوڭچىڭنىڭ توڭلياڭ ناھىيىسى باچۈئەن بازىرى شىما كەنتىدىكى بىر چايخانىدا 14 يۈز بەرگەن بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە 14 ئادەم ئۆلدى، 30 ئادەم يارىلاندى.

ۋەقە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن. ساقچىلار جۈمە كۈنى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەگە شىما باچۈئەن بازىرىنىڭ كەنتىدە ياشايدىغان 41 ياشلاردىكى بىر كىشىنىڭ ئائىلە ماجراسى سەۋەپ بولغان . ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئايالىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن چايخانىغا كېلىپ، بۇ يەرنى پارتلاتقان.

نەتىجىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ 3 نەپىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى باچۈئەن بازىرىدىكى پارتلاش مەركەزدىكى دائىرىلەر ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ساقچىلار ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىن ئايالىنىڭ جەسىدى بىلەن پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى بايقىغان. بىراق ساقچىلار ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ نىمە ئۈچۈن چايخانىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى. (ئەركىن)