شەنشىدىكى كان ۋەقەسىدە 140 تىن ئارتۇق ئادەم كان ئاستىدا قامىلىپ قالدى


2004.11.28

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى چېنجياشەن كۆمۈر كانىدا يەكشەنبە كۈنى شىددەتلىك گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 25 ئادەم ئۆلدى،140 دىن ئارتۇق ئادەم كان ئاستىغا قامىلىپ قالدى. بۇ قېتىمقى ۋەقە خىتايدا يېقىنقى يىللارنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق كان ۋەقەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېنجياشەن كۆمۈر كېنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىكىدىكى بىر كۆمۈر كان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ سانى 300غا يىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كان ئېغىزىغا يېقىن جايلاردا ئىشلەۋاتقان 120 دىن ئارتۇق ئىشچى قۇتۇلۇپ چىقالىغان. نۆۋەتتە 41 نەپەر ئىشچى كاربۇن ئىككى ئوكسىدتىن زەھەرلەنگەنلىكتىن دوختۇرخانىغا ئېلىنغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلارنى جىددىي قۇتقۇزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلىدىغانلار سانىنىڭ ئاز بولمايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كان ۋەقەسىدىلا 148 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خىتاي كانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. نۇرغۇن تەنقىدىي قاراشتىكىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.