خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى پارتلاش يۈز بېرىپ 166 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چېن جىياشەن كۆمۈر كانىدا پەيشەنبە كۈنى يەنە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن. ئەمما ئادەم زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، پارتلاشتىن كېيىن كان قۇدۇغى ئاستىدىكى 61 نەپەر قۇتقۇزۇش خادىمى ساق - سالامەت ئۈستىگە چىققان. ئەمما كان ئاستىنى كۆپ مىقداردا زەھەرلىك گاز قاپلاپ كەتكەچكە، بۇ قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشتا كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزگەن.
مەزكۇر كاندا يەكشەنبە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە، 65 نەپەر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان 101 نەپەر ئىشچىنىڭمۇ ھايات ئەمەسلىكى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەپتىن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ بارلىق يۇقىرى گازلىق كۆمۈر كانلىرىنى تاقاشنى بۇيرۇق قىلدى. (پەرىدە)