خىتايدىكى بىر كۆمۈر كاندا يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى


2004.12.10

خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسى ياڭچۈئەن شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە يەنە 33 ئادەم ئۆلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ 43 نەپىرى كان سىرتىغا قېچىپ چىققان، قالغان 28 نەپەر ئىشچى كان ئاستىدا قېلىپ ئۆلگەن.

بىراق كان ئۈستىگە قېچىپ چىققان ئىشچىلارنىڭ 5 نەپىرى كان ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، كان ئاستىغا قايتا چۈشكەندە ھاياتىدىن ئايرىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى كىشىنى چۆچىتىدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى شەنشىنىڭ چېن جياشەن رايونىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە 166 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن 300 دىن ئارتۇق خىتاي زىيالىسى ، خەلق ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى، شۇنداقلا ۋەقەدە مەسۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي بويىچە كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ نىسبىتى، تاسادىپى ۋەقەلەردە ئۆلگەن كىشىلەر ئومۇمى نىسبىتىنىڭ ٪ 80 نى ئىگىللىگەن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.